专业歌曲搜索

Anamgha Rehmet - RiTSAR/KOLWAK.mp3

Anamgha Rehmet - RiTSAR/KOLWAK.mp3
Anamgha Rehmet - RiTSAR/KOLWAK
[00:00.000] 作词 : RiTSAR/K...
[00:00.000] 作词 : RiTSAR/KOLWAK
[00:01.000] 作曲 : RiTSAR/KOLWAK
[00:02.000] 编曲 : RiTSAR/KOLWAK
[00:05.928]« ئانامغا رەھمەت »
[00:22.683]VERSE 1 :
[00:25.413]توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ باقتىڭىز ،
[00:28.670]تۇغۇلغاندا « جېنىم بالام » دەپ يۈرەككە ياقتىڭىز .
[00:31.962]ئوچاق بېشىدا كۆيدى يۈزلە بۇرۇن قاردەك ئاقتىڭىز ،
[00:35.178]بالام دەپلا ئۆتۈپ كەتتى سىزنىڭكى ياش ۋاقتىڭىز .
[00:38.276]دادام بولسا بىر دېڭىز ، سىز دەريادەك ئاقتىڭىز ،
[00:41.271]ھازىر ئۇيقۇڭىز بەك ئاز ياش ۋاختىڭىزدا ساقتىڭىز .
[00:44.461]تالاي كۈنلەر ئىتىزدا ئىشلەپ ، قاتتىق-قۇرۇق ناننى چىشلەپ ،
[00:47.436]پەرزەنت ئۈچۈن ، ئائىلە ئۈچۈن تۈگىمەس جاپا تارتتىڭىز !
[00:50.790]تۈن كىچىدە بىز ئۇخلىساق جاپا تارتىپ كىر يۇيۇپ ،
[00:54.048]تاڭ سەھەردە چاي قاينىتىپ ھويلا-ئارامغا سۇ قۇيۇپ . ( سۇ سېپىش )
[00:57.063]دادام بىلەن تەڭ ئىشلەپ يەنە ئىتىزلارنى سۇغۇرۇپ ،
[01:00.294]چۈشتە ھېرىپ ئۆيگە كىرىپ ئاشقا خېمىر يۇغۇرۇپ .
[01:03.513]ئۆيىمىز گەرچە باي بولمىسىمۇ يوقسۇزلۇقنى چاندۇرماي ،
[01:06.527]ئىشىك ئالدىغا كەلگەن مۇھتاجنى قۇرۇق قول ياندۇرماي .
[01:09.725]ھەتتا قىيىن كۈندىمۇ بىزنى مەكتەپلەردىن قالدۇرماي ،
[01:12.870]سىڭدۈرگەن شۇ مېھنىتىڭىزنى قايتۇرىمىز چوقۇم ئالدىرىماي .
[01:16.290]ئەجرىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ مەن ياخشى ئوقۇيالمىدىم ،
[01:19.447]راست گەپنى ئوچۇق دېدىم يالغاننى توقۇيالمىدىم .
[01:22.491]كۈچ-قۇدرەتلىك تاغدەك دادا ، قوينى كەڭرى باغدەك ئانا ،
[01:25.758]مەن خىجىل كەچۈرۈڭلار ئۈمىدلەرنى ئاقلىيالمىدىم…
[01:28.697]بۇغدايلىقتا ، كۆكتاتلىقتا ، شاللىق ياكى پارنىكتە ،
[01:31.731]كۈندە ئىشلەپ قاپىرىپ كەتتى قوللىرىڭىزنىڭ ئالقىنى .
[01:35.091]2006 ، 1-ئايدا مەن ئوپراتسىيە قىلىنغاندا ،
[01:38.538]پۇل كاملىدى سېتىۋەتتىڭىز تويلۇق ئۈزۈك ، ھالقىنى !
[01:41.454]جىنىم ئانا ھازىرغىچە مىنى قوغداپ كەلدىڭىز ،
[01:44.332]بۇ يۈرەكتە ئۇچقۇنلايدۇ مۇھەببەتنىڭ يالقۇنى .
[01:47.510]مەن چوڭ بولدۇم بۇندىن كىيىن قوغداش نۆۋىتى ماڭا كەلدى ،
[01:50.720]پۈتۈن تېنىم ، سىز ئۈچۈن سىپارتاكنىڭ قالقىنى !
[01:53.665]Hook :
[01:54.169]قۇياش نۇرى تۈننى يېرىپ تاڭلار قايتا ئاتقاندا ،
[01:57.363]كىچىكىمدە ئاغرىپ قېلىپ مەن بالنىستا ياتقاندا .
[02:00.200]دوختۇر ئاچاش يىڭنە سانجىپ ماڭا ئوكۇل ئاسقاندا ،
[02:03.373]مەن بىلەن تەڭ يىغلايتىڭىز باغرىڭىزغا باسقاندا .
[02:06.594]قوينىڭىز ئەڭ ئىللىق ماكان سوغۇق قىش قەھرىتاندا ،
[02:09.921]سىز ئەتكەن تاماقلاردىن بولدۇق بىز بەھرىماندا .
[02:12.896]ئاتا-ئانام ھاياتىمدا ئەڭ ئۇلۇغ قەھرىمانلار ،
[02:16.142]ماڭا چەكسىز مېھىر بەرگەن ئانامغا رەھمەت…
[02:19.076]يەردە قالماس ئەجرىڭىز ، خۇددى ئالماس قەلبىڭىز ،
[02:22.267]بىزنى بېقىپ چوڭ قىلىش بىرئۆمۈرلۈك غەلبىڭىز .
[02:25.540]بىزگە كۆيۈپ كەلدىڭىز ، بىزگە سۆيگۈ بەردىڭىز ،
[02:28.580]چوڭ بولغاندا ئاندىن بىلدىم كۆپ ئىكەنغۇ دەردىڭىز .....
[02:31.686]VERSE 2 :
[02:32.123]ئېسىمدە بار ئون نەچچە يىل بۇرۇن چاچلىرىڭىز قاپقارا ،
[02:34.912]يۈزىڭىزدە ھېچ قورۇق يوق ، بىر چىرايلىق ساپمۇ-ساق .
[02:38.065]پەرزەنت ئىشقىدا كۆيدىڭىز ھەم چىن يۈرەكتىن سۆيدىڭىز ،
[02:41.207]چىرايلارنى قورۇق باستى چاچلارغا سانجىلدى ئاق .
[02:44.425]سوغاق بولسا دەپ تۇراتتىڭىز : _« قېلىن كەيگىن تېشىڭغا » ،
[02:47.725]مۇھەببىتىڭىز سىڭىپ كەتكەن يىگەن ھەربىر ئېشىمغا .
[02:50.764]كۈلپەت كەلسە بېشىمغا ، ئۈلپەت بولىسىز قېشىمدا ،
[02:53.926]ھۆرمەت ئەمەس ئازار بەردىم 20 نەچچە يېشىمدا…
[02:57.041]يۇمشاق ناننى بىزگە بېرىپ قاتتىق ناننى يەيتىڭىز ،
[03:00.153]_« داداڭ گەپ قىلالمىغاچقا روھىڭ چۈشكۈن »_دەيتىڭىز .
[03:03.390]ئالتۇن تېنىڭىز ئامان بولسۇن سىزگە يەتمىسۇن زەخمەت ،
[03:06.462]ھەم ئانا ھەم دادا بولغان جان ئانامغا رەخمەت .
[03:09.699]« ئانا »دىگەن ئۇلۇغ ئىنسان مۇھەببەتلىك يارالغان ،
[03:12.878]ئۇنىڭ مېھرى پۈتۈن جاھان ، ماكانلارغا تارالغان .
[03:16.038]شۇ سەۋەپتىن بىر قولىدا تەۋرەتسە بۆشۈكنى ،
[03:19.123]يەنەبىر قولىدا دۇنيانىمۇ تەۋرىتەر دەپ قارالغان .
[03:22.208]« ئانا »كۈيلەر بارچە شائىر مەغرىپتىن مەشرىققىچە ،
[03:25.497]چۈنكى ئانىنىڭ بالىغا بەرگەن مۇھەببىتى باشقىچە .
[03:28.561]بارچە ئۇلۇغ ئانىلىرىمىزنىڭ تېنى ساغلام تىمەن بولغاي ،
[03:31.952]ئۆمرۈڭلار ئۇزۇن بولسۇن ياشاڭلار يۈز ياشقىچە !
[03:35.005]ئاڭلاۋاتقان قىز ، خىيالىڭىز ئۇچۇپ كەتتى قايان ؟؟
[03:38.428]ئەركەك بولساڭ ياشاش ئۈچۈن ئۆز كۈچۈڭگە تايان !
[03:41.458]ئانىلار قەلبى پەرزەنت ئۈچۈن دېڭىزدەك بىپايان ،
[03:44.603]ئۇلار مېھرىدىن ياشنايدۇ يەتتە قىتئە تۆت ئوكيان .
[03:47.625]ئاخىرىدا مەن ئەسكەرتەي : پەرزەنتلەرنىڭ سەمىگە ،
[03:50.961]ئاناڭ بۈيۈك ، ئاناڭ گۈزەل ئۇ گويادۇر پەرىزات .
[03:53.965]ئەنسىرەتمە ھەركۈنى ، خاپا قىلمىغىن سەن ئۇنى ،
[03:57.316]چىن قەلبىڭدىن سۆيسەڭچۇ ، ئېھ ! ئەقىللىق ئادىمزات…
[04:00.225]Hook 2 :
[04:00.716]قۇياش نۇرى تۈننى يېرىپ تاڭلار قايتا ئاتقاندا ،
[04:03.500]كىچىكىمدە ئاغرىپ قېلىپ مەن بالنىستا ياتقاندا .
[04:06.591]دوختۇر ئاچاش يىڭنە سانجىپ ماڭا ئوكۇل ئاسقاندا ،
[04:09.538]مەن بىلەن تەڭ يىغلايتىڭىز باغرىڭىزغا باسقاندا .
[04:12.911]قوينىڭىز ئەڭ ئىللىق ماكان سوغۇق قىش قەھرىتاندا ،
[04:16.173]سىز ئەتكەن تاماقلاردىن بولدۇق بىز بەھرىماندا .
[04:19.360]ئاتا-ئانام ھاياتىمدا ئەڭ ئۇلۇغ قەھرىمانلار ،
[04:22.522]ماڭا چەكسىز مېھىر بەرگەن ئانامغا رەھمەت…
[04:25.491]يەردە قالماس ئەجرىڭىز ، خۇددى ئالماس قەلبىڭىز ،
[04:28.419]بىزنى بېقىپ چوڭ قىلىش بىرئۆمۈرلۈك غەلبىڭىز .
[04:31.766]بىزگە كۆيۈپ كەلدىڭىز ، بىزگە سۆيگۈ بەردىڭىز ،
[04:34.784]چوڭ بولغاندا ئاندىن بىلدىم كۆپ ئىكەنغۇ دەردىڭىز .....
[04:47.626]2023-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى
展开